يۈەنلىك نۇۋەس كەپتەر ، 300 كىلومىتىرلىق ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقە ۋە ئادەتتىكى مۇسابىقە قائىدىلىرى
1. ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن: قەشقەر بەيگە كەپتەر كولۇبى
2. مۇسابىقىگە نازارەتچىلىك قىلىدىغان ئورۇن: قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى.
3. مەبلەغ خەۋىپ خەتىرىگە كاپالەتلىك قىلغۇچى : ئابلىمىت سەيئىدىن (توققۇز ساراي رىستورانىنىڭ خوجايىنى ) .
4. مۇكاپات ئومومى سوممىسى ۋە ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقا باھاسى، تارقىتىش ئۇسۇلى، ھالقا سانى:
ئومومى مۇكاپات سوممىسى 120 مىڭ يۈەن. ( ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىنىڭ 80 مىڭ يۈەن، ئادەتتىكى مۇسابقىنىڭ 40 مىڭ يۈەن) .
ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىنىڭ ئومومى ھالقا سانى 1000 دانە (بۇنىڭ ئىچىدە 200 دانە سۇغا ھالقىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،سۇغا ھالقىسىمۇ ئوخشاشلا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە) . 800 دانە ئۈزۈك سىتىلىپ تۈگىگەندىن كىيىن ئەگەر يەنە ھالقا سېتىۋىلىش ئىھتىياجى بىر قەدەر چوڭ بولسا ھەر 5 دانە ھالقا سېتىلسا، مۇسابىقىدە مۇكاپاتلىنىدىغان كەپتەرلەرنىڭ سانى مۇناسىپ ئارتۇرۇپ بىرىلىدۇ. ئارتۇرغان ھەربىر نەتىجىگە ئىرىشكەن كەپتەرگە 500 يۈەن مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بىرىلىدۇ. ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىنىڭ دانىسى 100يۈەن، 10 نى سېتىۋالسا 2 سى سوۋغا قىلىپ بىرىلىدۇ. 20 نى سېتىۋالسا 5 نى سوۋغا قىلىپ بىرىلىدۇ. مۇشۇ ئۇسلۇۇپ بويىچە سېتىلىدۇ.12دانە ھالقا ئالغۇچىلار كۈللىكتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
بىكىتىلگەن ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىغا بولسا: جوڭگۇ پۇشتا كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ياساپ تارقاتقان ھالقا بولۇپ، ھالقا نۇمۇر بۆلەك نۇمۇرى 2012-30-580001دىن 2012-30-581000گىچە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر تۇتاش نۇمۇرنىڭ ئاخىرقى تۆت خانا ساننى ئوخشاش بولىدىغان ئالاھىدە ياستىلغان ئاليۇمىن ھالقا بىرگە بىرىلىدۇ. بىر تۇتاش ھالقا نۇمۇرى بىلەن ئاليۇمىن ئالاھىدە ھالقا نۇمۇرى كەپتەرنىڭ پۇتىدا بولىشى شەرت. بۇ قېتىمقى ئالاھىدە مۇسابىقە كۇلۇپنىڭ كۆزلۈك 300 كىلومتىرلىك ئادەتىكى مۇسابىقە بىلەن بىرگە ئىلىپ بىرىلىدۇ.
ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىسى قانچىلىك سېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن ھەربىر ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىسىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ھالقا نۇمۇرى بۆلۈكنى ھەم 80 مىڭ يۈەن مۇكاپات سوممىسىنى ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ باشقۇرۇش ساقلاپ بىرىش كىلىشىمنامىسى، كۇلۇپنىڭ تور بىتىدە ئۇزۇن مەزگىل ئاشكارلىنىدۇ. قالغان ئالاقىدار ئىشلار قەشقەر شەھەرلىك ئىسمائىلجان ھايۋانات دورىلىرىنى سېتىش دۇككىنىدا بىجىرىلىدۇ. ئورنى ۋىلايەتلىك چارۋۇچىلىق ئىدارىسى دەرۋازا ئۇدۇلىدا. تېلىفۇن: 1809956840 ،0998--2528405
5. مۇسابىقە ۋاقتى:
(1) سالاھىيەت مۇسابىقە ۋاقتى
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى (يەكشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00-19:00 .
(2) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقتى:
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (دۈشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00-19:00
6. مۇسابىقىدە كەپتەر قويۇپ بىرىش ئورۇن بىلەن قەشقەر شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارلىقى:
(1) يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيە پەيزىۋات باش مەيدان ،تۈز سىزىقلىق ئارلىقى170±10 كىلومىتىر.سالاھىيەت مۇسابىقىسى بىر قېتىم ئېلىپ بىرىلىدۇ.
(2) يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيە شاخور ئورمانچىلىق مەيدان 300±10 كىلومىتىردىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىر قېتىم .
7. كەپتەر يىغىش ۋاقتى، ئورنى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى
(1) كەپتەر يىغىش ئورنى توققۇز ساراي يان دەرۋازا ئىچىدە (شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى يان ئۇدۇلىدا) .
(2) سالاھىيەت مۇسابىقە: كەپتەر يىغىش ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 13:00 – 16:00 گىچە، ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقە بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم جەدىۋەلگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرىدۇ.بوران چاپقۇن يامغۇر ياققان تەقدىرمۇ مەشغۇلىيەت ئۆزگەرمەيدۇ، ۋاقىت ئۆتسە ساقلاپ تۇرمايدۇ.(ئادەتتىكى ياكى ئالاھىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بارلىق ھەربىر كەپتەردىن 15 يۈەندىن ھەق ئېلىنىدۇ) .
(3) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىدىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەر بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرىدۇ. ( ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتناشسا ھەربىر كەپتەردىن 30يۈەن ئېلىنىدۇ، ئەگەر ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەر ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلسا ئۇلاردىنمۇ ھەربىر كەپتەر ئۈچۈن 30 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. )
(4) مۇسابىقە كۈنى ئەگەر ناچار ھاۋا كىلىماتىغا ئۇچراپ قالسا، كەپتەرلەر قايتۇرۇپ كىلىنىپ، مۇسابىقىنىڭ ئېلىپ بىرىلىش ۋاقتىنى كۇلۇپ ئايرىم ئۇختۇرۇش قىلىدۇ.
(5) مۇسابىقە ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا كۇلۇپنىڭ ئەڭ يىڭى ئۇختۇرغان ۋاقتى ئاساس قىلىنىدۇ.
8. مۇكاپات سوممىسىنى تەخسىملەش ئۆلچىمى (ئومومى مۇكاپات سوممىسى 120 مىڭ يۈەن) .
(1) ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىشىش سوممىسى 70 يۈەن) . چىمپىيون 7000 يۈەن، ئىككىجى 5000 يۈەن، ئۈچۈنجى 3000 يۈەن، تۆتىنجى بەشىنجىگە 1500 يۈەن، ئالتىنجىدىن ئونىنجىسىگىچە ھەربىرىگە 1000 يۈەن، ئون بىرىنجىدىن ئەللىگىنجىسىگىچە 800 يۈەندىن ، ئەلىك بىرىنجىدىن سەكسىنىجىسىگىچە 500 يۈەن مۇكاپات بىرىلىدۇ.
(2) ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىنىڭ كۇللۇكتىپ مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن.
چىمپىيونغا 4000 يۈەن، ئىككىنجىگە 2500 يۈەن، ئۈچۈنجىگە 1500 يۈەن، تۆتىنجىسىگە 1000 يۈەن، بەشىنجىگە 1000 يۈەن مۇكاپات قىلىپ بىرىلىدۇ.
(3) 300 كىلومىتىرلىق ئادەتتىكى مۇسابىقىگە مۇكاپات سوممىسى 40 مىڭ يۈەن. چىمپىيونغا 3000 يۈەن، ئىككىنجىسىگە 2500 يۈەن، ئۈچۈنجىسىگە 1500 يەن، تۆتىنجىسىدىن ئونىنجىسىگىچە 1000 يۈەن، ئون بىرىنجىدىن ئەللىگىنجىسىگە 500 يۈەن، ئەللىك بىرىنجىسىدىن سەكسىنىنىجىسىگە 200 يۈەن.
(4) ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىسىدىن 12 دانە سېتىۋالغانلار بىر كىچىك كۇللۇكتىپ قىلىپ گۇرۇپپىلىنىدۇ. كۆپ سېتىۋالغۇچىلار مۇشۇ شەكىلدە گۇرۇپپىلىنىدۇ. 12 دانە كەپتەر بىر گۇرۇپ قىلىپ C,B,A نامىدا ئايرىم-ئايرىم سېتىۋالغان ۋاقتنىڭ ئۆزدەكۇللىكتىپ بولۇپ گۇرۇپقا ئايرىلىپ تىزىملىنىدۇ. گۇرۇپغا بۆلۈنگەندىن كىيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 80 نىڭ ئىچىگە كىرگەن نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىككى دانىدىن (ئىككى دانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاشسا، شۇ بىر گۇرۇپپا 12دانە كەپتەردىن قانچىلىك كۆپ كىرگۈزەلىسە ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر نەتىجىگە كىرگەن كەپتەر سانى تەڭ بولۇپ قالسا كىمنىڭ باشتا كەلگەن كەپتىرىنىڭ نەتىجىسى ئالدىدا بولسا شۇ كىشى غەلبە قازانغان بولىدۇ.
(5) بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىردىن بىريالغۈز كەلگەن كەپتەرنى مۇكاپاتلاش تۈزىمى قوللىنىلىدۇ.ئەگەر ئۈنۈملۈك مۇسابىقە ۋاقتى ئىچىدە چىمپىيون شەخسەن ئۆزى ئومومى مۇكاپات سوممىسىنىڭ %85 تىگە ئىرىشىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن مۇسابىقە ۋاختى قەرەردە ئىككىدىن ئارتۇق كەپتەر نەتىجىگە كىرسە لىكىن ئالدىنقى 80 نىڭ نەتىجىسى توشمىغان بولسا كەلگەن كەپتەرلەر ئۆزى ئېلىشقا تىگىشلىك مۇكاپاتىنى ئالغاندىن سىرت، قىپقالغان قالدۇق مۇكاپات سوممىسى كەلگەن كەپتەرلەرگە تەڭ تەخسىم قىلىپ بىرىلىدۇ. ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەگەر كەپتەر كەلمىسە، ئومومى مۇكاپات ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرگە تەڭ تەخسىملەپ بىرىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئادەتتىكى مۇسابىقىدە بىردىن بىريالغۈز كەلگەن كەپتەرنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى قوللىنىلمايدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كەپتەر كەلمىسە بۇ قېتىمقى مۇكاپات سوممىسى كىلەر قىتىمقى ئادەتتىكى مۇسابىقىگە مۇكاپات سوممىسىغا قوشۇۋىتىلپ كىلەركى ئادەتتىكى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات سوممىسىنىڭ ھازىرقىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
(6) كۆرسەتكەن كەپتەرنى ئايرىم مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى: يىغىلغان پۇلنىڭ %90 نى مۇسابىقە مۇكاپات ئاساس فوندى قىلىپ مۇكاپات تارقىتىپ بىرلىدۇ. %10 نى كۇلۇبىمىز پائاليەت راسخوتى قىلىپ تۇتۇپ قالىدۇ. ھەربىر كەپتەرنى 100 يۈەنلىك، 200 يۈەنلىك ئىككى خىل مۇسابىقىلىشىش ئۇسۇلى قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. %90 يغىلغان پۇلنىڭ %50 تىنى چىمپىيون، %30 تىنى ئىككىنجى بولغان ، %20 تىنى ئۈچۈنجى بولغان كەپتەرگە مۇكاپات قىلىپ تارقىتىلىدۇ.
(7) بىر قوللۇق ئالىدىغان مۇكاپات يىغىلغان پۇل سوممىسىنىڭ %90 نى ئاساس قىلىپ چىمپىيون %100 مۇكاپات سوممىسىغا ئىرىشىدۇ. ئومومى مۇكاپات سوممىسىنىڭ %10 تى كۇلۇبنىڭ تەشكىللەش راسخوتى قىلىپ تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
9. مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى :
(1) مۇشۇ مۇسابىقە قائىدىسىنى ئىتىراپ قىلغان ھەم شۇ بويىچە مەشغۇلىيەت ئىلىپ بارغان، قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇپبىنىڭ رويىخىتىگە ئۆز قۇمىنىڭ ئوردىنات، كوردىناتلىرىنى ئۆلچەشكە ھەم 2012-يىللىق ئەزالىق بەدىلىنى تاپشۇرغان بولىشى ھەم قولىدا باشقۇرلىدىغان يۇنفىي ماركىلىق قولىدا ھەركەتلىنىدىغان مۇسابىقە سائىتى بولغان بولىشى كېرەك. باشقاغەيرى كۇلۇپ ئەزاسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى سېلىغلىق بىلەن رەت قىلىنىدۇ.مۇسابىقىنىڭ ئادىل بولىشى ئۈچۈن قەشقەر شەھەر خەلق مەيدانى مەركەز قىلغان 30كىلومتىرلىق دائىرە ئىچىدىكى قۇملارنىڭ ئۆز ئىسمى نامى بىلەنمۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ.بۇ دائىرىدىن ئارتىپ كەتكەن قۇملارنىڭ ئۆز نامى بىلەن مۇسابقىگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ.
(2) بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئەمىلى ئىسىم فامىلە ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىسى سېتىلغاندىن كىيىن قايتۇرۇۋىتىش، ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ. لىكىن ئالدىن كۇلۇپقا رويىخەتكە ئالدۇرىدۇ . مۇشۇ مۆھلەت ئۆتكەندىن كىيىن ئۆتۈنۈپ بىرىشكە بولمايدۇ.
دوستلارنىڭ كۇلۇپقا ئەزا بولۇپ كىرگەندە چوقۇم ھەقىقى ئىسىم فامىلىسى، ئادىرىسى، مۇقىم تىلىفۇن ، يانفۇن قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولسا ۋاقتىدا كۇلۇپقا ئۆزگەرتىش پىكىرىنى بىرىشى ۋاقتىدا ئۆزگەتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(3)دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايلىرىدىن دوستلارنىڭ كەپتەر ئەۋەتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز. ئەگەر مەزكۇر شەھەردە ۋاكالىتەن باختۇرماقچى بولسا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى بىلەن ۋاكالىتەن باققۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئىلگىر كىيىنلىك بىلەن بىرگە تىزىملىنىدۇ.
10. مۇسابىقە قائىدىسى ۋە تەلىۋى :
(1) بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە جوڭگۇ پۇشتا كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ 2002-يىلى ئىلان قىلغان مۇسابىقە قائىدىسى ۋە رىپىرلىك قائىدىسى قوللىنىلىدۇ.
(2) مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىسىنىڭ كۇلۇبىمىز ئىتىراپ قىلغان GPS(يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىسىتىمىسى) ئوردىنات، كوردىنات ۋە قۇما نۇمۇرى بولىشى كېرەك . ئەگەر خاتا بولۇپ قالسا كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.
(3) مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر چوقۇم مۇسابىقىگە ئۇيۇشتۇرۇش كۇممتىتى بىكىتىلگەن ھالقا نۇمۇرى بولغان جوڭگۇ پوشتا كەپتەر جەمئىيىتى بۇ يىل ياسىتىپ تارقاتقان بىر تۇتاش ھالقا بولىشى ۋە شۇنداقلا كۇلۇبىمىز ئالاھىدە ياسىتىپ تارقاتقان ئاليۇمىن ھالقا بىر تۇتاش ھالقىنىڭ ئىسپات كارتىسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر كارتا بولمىسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.
(4) مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش جەدىۋىلىنى توشقۇزۇشى ، كىيىن ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتسە، خاتا توشقۇزغان بولسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.
(5) مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر قومىسنىڭ ئادىرىسى چوقۇم كۇلۇبىمىزغا رويىخەتكە ئالدۇرغان ئارلىق بىلەن بىردەك بولىشى كېرەك.ئەگەر ئوخشاش بولمىسا ئەمىلى ئۆلچەنگەن ئارلىق ئاساس قىلىنىدۇ.
(6) بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە 5 نەپەردىن ئارتۇق كەپتەر ھەۋەسكار ۋەكىلى ( چەك تارتىلىدۇ) نەقمەيدانغا بىرىپ كەپتەر يىغىش، قويۇپ بىرىش، نەتىجىسىنى چىقىرىشقا پۈتۈن مۇساپە بويىچە نازارەتچىلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقانداق ئورۇن، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى زاتلارنىڭ نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. ھەرقانداق ساختىپەزلىك ،كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلار بايقالسا دەرھال جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورۇنلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىنىدۇ. تەكشۈرۈپ ئەمىلىيلىشىپ قالسا شۇ كىشىنىڭ بارلىق نەتىجىلىرى بىكار قىلىنىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىشىنى، ئىسپات كۆرسىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئەگەر تەكشۈرۈپ راستلىقى ئىسپاتلانسا ، پاش قىلغۇچىلارغا ئون مىڭ يۈەن مۇكاپات بىرىلىدۇ ھەم مەخپىيەتلىك قاتتىق ساقلىنىدۇ.
11. ۋاقىت ھىساپلاش، ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى :
(1) بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە «يۈن فىي» ماركىلىق قول بىلەن ھەركەت قىلىدىغان مۇسابىقە سائىتى ئىشلىتىلىدۇ. ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندا كەلگەن بىرىنجى كەپتەرنى بىللە ئېلىپ كىلىشى، سائەتنى سولدىن ئوڭغا سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ يۆلىنىشى بويىچە بۇرمىلىشى، ئىككىنجى سائەتتىكى بىرىنجى كەلگەن كەپتەر چوقۇم بىرىنجى سائەتتىكى ئەڭ ئاخىرى ئۇرغان كەپتەرنىڭ ۋاقىتىدىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .
مەخپى چاپلىقى ئۇرۇقنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىلىشى ئۇرۇقنىڭ ئوچۇق ئېغىز چوقۇم ئاستىغا قارىتىلىشى، ئۇرۇقلار ئارىسىدا بوش كامار بولماسلىق كىرەك. ئەگەر سائەتتە بوش كامار بايقالسا بوش كامارنىڭ ئارقىسىدىكى كەپتەرلەرنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ. سائەتنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋاقىت چىكى 120 مىنۇت ، ( يەنى بىرىنجى كەپتەرنىڭ ۋاقىت ئۇچۇرى خاتىرلەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۇلۇپقا ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغان ۋاقىت) ، ئەگەر بۇ قەرەردىن ئاشۇرۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.
(2) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كەپتەر يىققان كۈنى كۇلۇپ بىر تۇتاش بارلىق سائەتلەرگە ساختىلىقتىن ساقلىنىش بىر قېتىملا ئىشلىتىدىغان چاپلاق چاپلايدۇ. ئەگەر مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىسىدە مۇسابىقە سائىتى بولمىسا، كەپتەرنى كۆتۈرۈپ كۇلۇپ ئىشخانىسىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋاقىت كەپتەر كەلگەن ۋاقىت قىلىنىپ قول بىلەن نەتىجىسى ھىساپلىنىپ چىقىرىلىپ بىرىلىدۇ. ئەگەر مۇسابىقە سائىتىدە كاشلا كۆرۈلۈش سەۋەپتىن نەتىجىسىنى ئىشلەش مۇمكىن بولمىسا بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە كۇلۇبىمىز ئىگە بولمايدۇ.قانداق ئۇسۇلدا ۋاقىت ھىساپلانسۇن ئاخىرىدا مىنۇتلۇق ئۇچۇش سۈرئىتىنى ئاساس قىلىپ دەرجە نەتىجىسى بىكىتىلىدۇ.
(3) شۇ كۈنى دەسلەپكى نەتىجە ئىشلەپ ئىلان قىلنىدۇ. ئەتىسى دەلىللەشتىن ئۆتكەندىن كىيىن باشقا تالاش-تارتىش ئەرز شىكايەت بولمىسا ئاندىن رەسمى مۇسابىقە نەتىجىسى ئىشلەش قىلىدۇ. رەسمى نەتىجە ئىلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
12. تەكشۈرۈش سىناش ئۇسۇلى:
(1)بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ھەم تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەيئىتىمىز ھەرقانداق ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ سىناق ئىلىپ بارسا بولىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى شەرتسىز تەكشۈرۈپ سىناشنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك. ئەگەر كەپتەر ئىگىسى رەت قىلسا ياكى ئورۇنسىز سەۋەپ كۆرسىتىپ ماسلاشمىسا شۇ كىشىنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ھەم ئومومى ئۇختۇرۇش قىلىپ جامائەتكە ئاشكارىلىنىدۇ.
(2) بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ سىناش ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 10:00 دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 16:00 گىچە كەپتەر ئىگىسى كەپتەرلەرنى ئېلىپ كىلىشى ھەم رەسمى مۇسابىقىگە قاتنىشىش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇشى (ئادەتتىكى مۇسابىقە كەپتەرلىرىگە بۇ جەريان بولمىسىمۇ بولىدۇ) كۇلۇپ ئىشخانىسىغا كىلىپ ( ئوغۇز ساراي يان دەرۋازىسى ئىچىدە)يۇشۇرۇن تامغا باستۇرىشى بۇ تەرتىپلەر تۈگىگەندىن كىيىن ئككىدىن ئارتۇقنازارەتچلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا كۇلۇپ ئەتراپتىكى كەڭ سەينادا نەق مەيداندا قويۇپ بىرىلىدۇ . خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(3)ئەگەر مۇسابىقە نەتىجىسگە باشقىچە پىكىر بولسا ، دەسلەپكى نەتىجە ئىلان قىلغان شۇ كۈنى يازما يۇسۇندا ئەرز ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ .ئەرز شىكايەت زاكالەت پۇلىغا 1000 يۈەن ئېلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئەرز مۇۋەپەقىيەتلىك بولسا زاكالەت پۇلى قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ.ئەگەر مەغلۇپ بولسا زاكالەت پۇلى تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
13. مۇكاپات تارقىتىش ۋە كىم ئارتۇق قىلىپ قىلىپ سېتىش ئۇسۇلى :
(1) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە ئالدىنقى 80-لىككە ئىرىشكەنلەر (مۇناسىپ ئارتىپ بارغان نەتىجىگە كىرگەن كەپتەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئادەتتىكى مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 80-لىككە ئىرىشكەن كەپتەرلەر ئۇچۇق ئاشكارا مۇكاپاتلىنىدۇ ھەم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ. سېتىلىدىغان كەپتەرلەر ئالدىن قان نەسەپنامىسىنى تەييارلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك.ئالدىنقى ئۈچ كەپتەرلەرنى ئالىي لوڭقا ھەم مۇكاپات ئىسپات قەغىزى ، مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بىرىلىدۇ. كوللىكتىپ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەرنىڭ ئالدىنقى بەشىگە لوڭقا ھەم مۇكاپات پۇلى بىرىلىدۇ.ئەگەر نەتىجىگە ئىرىشكەن كەپتەر مۇسابىقىدىن كىيىن ئۆلۈپ قالسا، كەپتەر ئىگىسى كەپتەرنىڭ ھالقىسى ئىسپات كارتىسىنى ئېلىپ كىلىپ سېتىلىش باھاسىنىڭ %30 نى ( ئادەتتىكى مۇسابىقىنىڭ %20) تاپشۇرۇپ مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. چىمپىيون، ئىككىنجى، ئۈچۈنجىلىككە ئىرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى كىم ئارتىپ قىلىپ سېىتىلىش باھاسى 1000 يۈەن، قالغانلىرىنىڭ بىردەك 500 يۈەن بولىدۇ. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان پۇلنىڭ %30 تىنى ( ئادەتتىكى مۇسابىقىنىڭ %20 ) كۇلۇپ پائالىيەت راسخوتى قىلىپ ئېلىپ قالىدۇ. قالغان %70 پۇل كەپتەر ئىگىسىگە تەۋە بولىدۇ. ئەگەر نەتىجىگە كىرگەن كەپتەرلەر سېتىلماي قالسا كەپتەر ئىگىسى كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى سېتىلىش باھاسىنىڭ %30 تىنى ( ئادەتتىكى مۇسابىقىنىڭ %20 نى تاپشۇرىدۇ كەپتەرنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ) .
(2) كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىدىغان ئورۇن ۋاقىت ئايرىم ئۇختۇرۇش قىلىنىدۇ. بارلىق مۇكاپات سوممىسى ھەم لوڭقىلار نەق مەيداندا تارقىتىپ بىرىلىدۇ.ھەرقانداق سەۋەپ تۈپەيلىدىن نەتىجىگە ئىرىشكەن كەپتەرنى كىم ئارتۇق قىلىپ سىتش ئورنىغا ئىلىپ كەلمىسە كەپتەر ئىگىسىنىڭ بارلىق ئىلىشقا تىگىشلىك مۇكاپات پۇلى تۇتۇپ قىلنىپ تارقىتىپ بىرىلمەيدۇ.
14. كەپتەر يىغىش جەريانىدا مۇسابىقە قىلغۇچى ئەگەر ئالدىڭن ئۇقىقىلى مولچەرلگىلى بولمايدىغان يۇقۇم ۋابا ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمە بىلەن توقۇنۇش بولۇپ مۇسابىقە نۇرمال ئۆزۋاقتىدا ئىلىپ بىرىلماي قالسا، مۇسابىقە ۋاقتى ئايرىم بىكىتىلىپ مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدۇ. ھەرخىل ئالدىن مۆلچەرلىگۈچى بولمايدىغان، توسۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ھادىسىلەردىن كىلىپ چىققان بارلىق زىيانغا،كۇلۇبمىزنىڭ تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ. پەقەت ئالاھىدە ھالقا مۇكاپات ئۈزۈك پۇلى بىلەن ئالاھىدە كۆرسىتىپ بىكىتىپ ئوينىغان پۇل ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ.
15.مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات پۇل خەۋىپ خەتىرىگە ئابلىمىت سەيدىن ئەپەندى مەسئۇل بولىدۇ ھەم بۇ مۇسابىقە قائىدىسىنىڭ تولۇق ئىجرا بولىشىغا ۋەدە بىرىدۇ.
16.بۇ مۇسابىقىدە ئالاھىدە ھالقا قانچىلىك سېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر مۇكاپات سوممىسى تولۇق تارقىتىپ بىرىلىدۇ. مۇكاپات ئېلىشتىن كىلىپ چىققان باجغا، مۇكاپاتقا ئىرىشكەن كىشى مەسئۇل بولۇپ تاپشۇرىدۇ.
17.مۇسابىقىگە قاتنىشىش خەۋىپ خەتىرى بار ئىش، ھالقا سېتىۋالغاندا ئىھتىيات بىلەن سېتىۋىلىڭ. مۇسابىقىگە قاتنىشىش تامامەن ئۆز رازىلىق بىلەن بولىدۇ. باشقا دىيىلمىگەن ئىشلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز ھەر ۋاقىت كۇلۇپنىڭ تور بىتىگە دىققەت قىلىڭ.
قەشقەر بەيگە كۇلۇپ تور ئادىرىسى :
مۇسابىقىنىڭ ئادىل، ئاشكارا، سۈرۈك بولىشى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش كومتىت قۇرۇلدى، ھەيئەتلىرى ئابلىمىت سەيدىن، شىجىن لىن، فۇخىڭ روڭ، يالقۇن مەمەتئىمىن، ئەزىزجان داۋۇت، ئابلىمىت سۇلايمان، لىۋايىدىن ئارسىلان، يۇۋدىچاڭ، ھۈسەنجان ئىمام، ئەنۋەر كىرىم، جاڭ جەنشوڭ، دوڭ پىڭ، شەن پىڭ لىيەن، ئەدىخەمجان ھەسەن، ساۋۇتجان تۇرسۇن، مەخمۇتجان رەخمان قاتارلىق 16 ئادەمدىن تەركىپ تاپتى. مۇسابىقىىنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلغاندا ھەيئەتلەرنىڭ %75 دىن ئارتۇقراقى قوشۇلغاندىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە.
19. بۇ مۇسابىقە قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى قەشقەر بەيگە كەپتەركۇلۇبى « توققۇز ساراي لوڭقىسى» نى تالىشىش ئالاھىدە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش كومتىتىغا تەۋە.
ئالاقىلاشقۇچىلار: يالقۇن 13899127752، 2220123
ئەزىزجان 13779847710
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
|